艾滋病(AIDS)是由HIV病毒引起的严重传染病,截止2023年底,全球共有 3900万HIV 感染者,新发现感染人数130万。艾滋病防控核心难点在于:大量感染者未确诊或处于高传染性急性期未被发现,成为主要传染源。核心策略是:通过早期筛查(关键防线)及时检出感染者,快速启动抗病毒治疗实现病毒抑制,这是终结艾滋病流行的根本路径。由于 HIV 感染者在进入AIDS期发病之前没有明显的症状和体征,检测发现感染者是艾滋病防控的第一道防线和关键环节。 既然检测如此重要,那我们一起来了解下检测相关知识:
ساغلاملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى قەدىمى: ئەيدىزنى تەكشۈرۈشتىكى بۇ ئىشلارنى چۈشىنىش
ئەيدىزكىسىلى بولسا ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن دۇنيادا جەمئىي 39 مىليون ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان كىشى بولۇپ، يېڭىدىن بايقالغانلار بىر مىليون 300 مىڭغا يەتتى. ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنىڭ يادرولۇق قىيىن نۇقتىسى شۇكى، زور مىقداردىكى يۇقۇملانغۇچىلارغا دىئاگنوز قويۇلمىغان ياكى يۇقۇملۇق جىددىي مەزگىلدە بايقالمىغان،بۇلار ئاساسلىق يۇقۇملىنىش مەنبەسى بولۇپ قالغان. يادرولۇق تاكتىكىسى: دەسلەپكى مەزگىلدە تاللاپ تەكشۇرۇش (ئاچقۇچلۇق مۇداپىئە سىزىقى) ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ چىقىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى تېز يولغا قويۇپ، ۋىرۇسنى تىزگىنلەش، بۇ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتىكى تۈپ يول. ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز مەزگىلىدە قوزغىلىشتىن بۇرۇن كۆرۈنەرلىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن غەيرىلىكى بولمىغاچقا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىكى بىرىنچى مۇداپىئە سېپى ۋە مۇھىم ھالقا ئىكەنلىكى بايقالدى
تەكشۈرۈش شۇنچىلىك مۇھىم بولغانىكەن، بىز بىرلىكتە تەكشۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەرنى بىلىپ باقايلى
بىرىنجى قىسىم
تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى قايسىلار
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈش تاللاش سىنىقى ۋە تولۇقلاپ تەجرىبە قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تاللاپ تەكشۈرۈش سىنىقىدا قان، سۈيدۈك، ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى سۇيۇقلۇقى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقى چىقىرىش قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ ئانتىتېلا ئالاھىدىلىكى رېئاكسىيىسىنىڭ پرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرىدۇ، تولۇقلاپ تەجرىبە قىلىش ئانتىتېلانى توغرا ئىسپاتلاش ۋە يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا تاللاش نەتىجىسىنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ھازىرقى دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئەيدىز ئانتىتېلاسى، ئانتىگېن ۋە يادرو كىسلاتاسىنىڭ كۆزنەك مەزگىلى يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى بىر ئىككى ھەپتە ۋە ئۈچ ھەپتە ئەتراپىدا بولىدۇ
ئىككىنجى قىسىم
كىم تەكشۈرۈتۈشى كېرەك
- خەتەرلىك كىشىلەر: كۆپ جىنىسلىق ھەمراھلار، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، سودا خاراكتېرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، ۋېناغا زەھەر ئوكۇل قىلغۇچىلار، يېڭى تىپتىكى زەھەر ئىشلەتكۈچىلەر ھەمدە ئەرلەردىكى ھەمجىنىسلىق قىلغۇچىلار، قوش جىنسلىق ۋە جىنىس ھالقىغان كىشىلەر توپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
- ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە ئەيدىز مۇسبەت ئانىلارنىڭ يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىرى
- قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزگۈچى ياكى ئەزا كۆچۈرىدىغان كىشىلەر توپى
- يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن زىچ ئۇچرىشىش تارىخى بار كىشىلەر توپى
- كەسىپتە ئاشكارىلانغان كىشىلەر توپى
- جىنسىي كېسەل ۋە يۇقۇملۇق كېسەللەر توپى
ئۇچۇنجى قىسىم
قەيەردە تەكشۈرگىلى بولىدۇ
- جايلاردىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى تەكشۈرۈش ئامبولاتورىيىسىدىن ھەقسىز مەسلىھەت سورىسا ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشەلەيدۇ
- جايلاردىكى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلار تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
- جايلاردىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش ئاپپاراتلىرى ۋە كۆپ قىسىم ئاساسىي قاتلام داۋالاش ئاپپاراتلىرىمۇ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
- ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش مەسلىھەت بېرىش ۋە يۆتكەپ تونۇشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ
- بەزى ئالىي مەكتەپلەر سۈيدۈك يەتكۈزۈپ تەكشۈرۈش ھۆددىگە ئېلىپ سېتىش ماشىنىسى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرى سېتىۋىلىپ. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆزى سۈيدۈكنى يىغىپ، چۈشەندۈرۈش بويىچە كەسپىي تەجرىبىخانىغا ئەۋەتىپ بېرىپ، ئىمزاسىز ھالدا توردا تەكشۈرۈپ نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈردى
تۆتنجى قىسىم
تەكشۈرۈش نەتىجىسى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ
مەنپىي: ئادەتتە يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ، ئەمما كۆزنەك مەزگىلى مەۋجۇت بولغاچقا، ئۈچ ئايدىن كېيىن يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ياكى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ
مۇسبەت: دەرھال كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ياكى كەسپىي داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ تولۇقلاپ تەكشۈرۈش ۋە مەسلىھەت سوراش كېرەك. دەلىل-ئىسپاتلاپ تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ھەقىقەتەن تەجرىبىخانا تىزىملىكىنى جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى خاراكتېرلىك ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ ھۆكۈمەت تورىدىن تەكشۈرگىلى بولىدۇ
(جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى ليۇ پ)






