当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

【双语】《艾滋病两大关键问题:如何识别?能否治愈?》 ئەيدىزگە ئالاقىدارئىككى مۇھىم مەسىلە: قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ داۋالاپ

发布日期:2025-09-06 点击:




ئەيدىزگە ئالاقىدارئىككى مۇھىم مەسىلە: قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ ؟

 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى بارمۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەخمىنەن ٪50 يۇقۇملانغۇچىنىڭ جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە قىزىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق شۇنىڭغا ئوخشاش زۇكام، ئاشقازان ئۈچەي يوللىرى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئالاھىدە جىنسىي كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق، شۇڭا سەل قارالغان ياكى پەقەت زۇكام سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. بەزى تورداشلار دىققەت قىلىۋاتقان پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، قىزىل چىكىت چىقىش، كالپۇكى ئاقرىش، قارا داغ، دانىخورەك چىقىپ كېتىش، سۇ ئەۋرىشكىسى چوڭ تەرەت قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر ياكى بەدەن ئالامەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى ئەمەس. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق ئەندىشىسى بولسا، دەرھال شۇ جايدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش مەركىزى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلارغا بېرىپ ئەيدىز كېسەللىكىنى تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ
 
ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ساقايتقىلى بولامدۇ ؟ 
ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى يوق. لېكىن ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى كونترول قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندە ۋىروس ساقلاش ئامبىرى شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن چوڭ مېڭە، يىلىك ھۈجەيرىسى، ئۇرۇقدان، ئۈچەي يوللىرىدىكى لىمفا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرىگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، ھالبۇكى، ھازىر كىلىنىكىدا ئىشلىتىلىۋاتقان ۋىروسقا قارشى دورىلارنىڭ ھەممىسىدە ساقلانغان ئامباردىكى ۋىرۇسلارنى تازىلاش تەس. بىراق ھازىرقى ئەيدىز ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشى كونترول قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدۇ، مۇھىمى بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاپ، ھاياتنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ياردەم بېرەلەيدۇ
 
 

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有