

ھوشيار بولۇڭ! جىنسىي كېسەللىك ئەيدىزدىن يۇقۇملۇنۇش خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇملانغۇچىلار قارىماققا پۈتۈنلەي ساغلام كۆرۈنىدۇ
جىنسىي كېسەللىك يۇقۇملىنىش بىلەن ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ 
جىنسىي كېسەللىك يەنى جىنسىي تارقىلىشچان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىق جىنسىي كېسەللىكلەر سىفلىس، ھۆل كېسەللىك، ئۆتكۈر ھۆل فاكوخېرۇس، جىنسىي ئەزا قوقاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىنسىي كېسەللىك جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىشنى ئاساس قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى. جىنسىي كېسەل بىمارلىرى ياكى جىنسىي ئەزا يىرىڭ جاراھىتى، جاراھەت، ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ياكى ۋىرۇسنى باشقىلارغىمۇ ئاسانلا يۇقتۇرىدۇ
بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇچۇن بىردىنبىر ۋاسىتىسى ئەيدىزنى تەكشۈرۈش. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكىچە، ئادەتتە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ مەزگىل ئەيدىزنىڭ كېسەللىك ئالامەتسىز مەزگىلى (يوشۇرۇن مەزگىل). بۇ مەزگىلدە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى ساغلام ئادەمگە ئوخشاش ھېچقانداق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن ۋە نۇرغۇن يىل خىزمەت قىلالايدۇ، لېكىن يۇقۇملىنىش خاراكتېرىگە ئىگە. يۇقۇملانغۇچى ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى پەقەتلا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئېلىمىزدە تەخمىنەن ٪30ئەتراپىدا يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمەي، ۋىرۇس ئەھۋالدىن خەۋەرسىز تارقىلىشنى كەلتۇرۇپ چىقىرۋاتىدۇ