当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

HIV病毒监测不到等于HIV病毒不传染ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرگىلى بولمىسا يۇقمايدۇ

发布日期:2024-02-02 点击:
ئۆتكەن يىلى يەنى 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى داڭلىق تېببى بىلىملەر ژۇرنىلى لىيۇ يى داۋ ژۇرنىلىدا بىر سىستېمىلىق باھا ئۇتتۇرىغا قويۇلدى،  ئوخشاش بولمىغان مىقداردىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار خۇلاسىلەندى، تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى 1000دىن تۆۋەن بولسا ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى ۋىرۇسقا قارىشى داۋالىنىشتا چىڭ تۇرسىلا، جىنسىي تۇرمۇشتا يۇقۇش خەتىرى بولىدۇ، بۇ تەتقىقات پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا تەتقىق قىلىنىۋاتقان تەكشۈرۈپ چىققىلى بولمىسا يۇقمايدۇدىگەن قاراشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس بىلەن تەمىنلەپ بەردى، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يامان نامىنى  كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا خاتا چۈشىنىشى ۋە بىر تەرەپلىمە قارىشىنى ئازايىتتى، ، تېىخىمۇ كۆپ يۇقۇملانغۇچىلار ئۈچۈن نۇرغۇن ئۈمىد ئىلىپ كەلدى
تەكشۈرگىلى بولمىسا يۇقمايدۇ دىگەننىڭ مەنىسى بولسا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىشى مۇنتىزىم داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېين، قان سۈيۈقلىقىدا ئەيدىز ۋىرۇسىنى  تەكشۈرگىلى بولمايدۇ، بۇ كىسەللىك ۋىرۇسىنىڭ ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىنغانلىقىدىن دىرەك بىرىدۇ، مۇشۇنداق قاندىن ۋىرۇسنى تەكشۈرگىلى بولمىغان ئەھۋال 6ئاي داۋاملاشسا ئەيدىز ۋىرۇسى بار ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى يوق ھەمراھى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقالمايدۇ، خەتىرى نۆل بولىدۇ
تەتقىقاتتىن بايقىلىشىچە
بىرىنچىدىن، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس مىقدارى 600-`1000غىچە بولغاندا ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەن بولىدۇ
ئىككىنچىدىن ،ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس مىقدارى 600دىن تۆۋەن بولغاندا ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يۇقۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بايقالمىغان
ئۈچىنچىدىن، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ۋىرۇس مىقدارى 200دىن تۆۋەن بولغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتىش خەتىرى 0 بولىدۇ
يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندا، قېنىدا ۋىرۇسقا قارشى دورىلار داۋاملىق بولغاچقا، ۋىرۇسنى قايتا كۆپەيتكىلى ۋە كۆپەيتكىلى بولمايدۇ ( ۋىرۇس قان ئايلىنىش ئارقىلىق تارقالمايدۇ )، قاندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى داۋاملىق تۆۋەنلەپ تەكشۈرگىلى بولمايدىغان دەرىجىگە چۈشدۇ، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىمۇ يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولماي، تەبىئىي ھالدا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقالمايدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسنى كونترول قىلغاندىن كېيىن نورمال جىنسىي تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. قاپچۇقسىز جىنسىي ھەرىكەت يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، تارقالمايدۇ ( بۇ پەقەت ئوخشىتىش، شۇڭلاشقا قاپچۇقسىز جىنىسي مۇناسىۋەت قىلىشقا ئىلھام ببىرىلمەيدۇ )
تەكشۈرگىلى بولمىسا يۇقماسلىقنىڭ بەش ئالدىنقى شەرتى 
بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش بىمارنىڭ ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپلا قالماي، يەنە ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ. بىر يۇقۇملانغۇچى ئۆلچەملىك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئەگەر قېنىدا ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى ئۆلچىيەلمىسە ھەمدە ئالتە ئايدىن ئارتۇق تۇراقلاشسا، ئۇنىڭ مەنپىي ھەمراھىغا يۇقمايدۇ. ئەلۋەتتە،تەكشۈرگېلى بولمىسا يوقماسلىقنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلاش كېرەك
بىرىنچى،ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش:بەلگىلىمە بويىچە ۋىرۇسقا قارشى توغرا، تولۇق داۋالاشنى قوبۇل قىلىش كېرەك
ئىككىنچى، ياخشى بولغان دورا ئىچىشتىكى بېقىنىشچانلىق:ياخشى بولغان دورا ئىچىشتىكى بېقىنىشچانلىقنى ساقلاش، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئۇدا ئىچىش، دورىنى چۈشۈرۈپ قويۇش، توختىتىپ قويۇش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن دورا ئالماشتۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك
ئۈچىنچىدىن  ۋىرۇس مىقدارىنى داۋاملىق تەكشۈرگىلى بولمااسلىق ئاز دېگەندە ئالتە ئايدىن ئارتۇق مۇقىم بولۇشى كېرەك
تۆتىنچىدىن«يۇقۇش كۈچى بولمايدۇ» پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەت شەكلى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، باشقا تارقىلىش يوللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. بەشىنچىدىن تۇتاش كېسەللىك يۈكىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش:ھەر ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە بىر قېتىم تەكشۈرۈپ ( دۆلەت ھەر يىلى بىر قېتىم ھەقسىز تەكشۈرۈپ )، مۇقىم ۋىرۇس مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پەقەت ئالتە ئايدا ئىككى قېتىم كېسەللىك تەكشۈرۈشتە ئىككىلى قېتىمدا تەكشۈرۈپ چىقىلمىغان بولسائاندىن ھەقىقي ئۈنۈمىگە ئېرىشەلگەن بولىدۇ
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان ھەمدە ۋىرۇس مىقدارىنى داۋاملىق تەكشۈرۈپ چىقىلمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق باشقىلارغا يۇقۇش خەتىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولىدۇ. لېكېن جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش خەتىرى نۆل بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا گاندون ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشقا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك، مەسىلەن، سۆزنەك، سىفلىس، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلار

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有