当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

影响HIV治疗效果的4种行为ئەيدىزنى داۋالاشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان قىلمىشلار

发布日期:2024-01-11 点击:
ئەيدىز كىسىلىگە قارىتا بالدۇر دىئاگنوز قويغاندا ۋە بالدۇر داۋالاتقاندا كۆزلىمە ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدىغانلىقى بالدۇرلا ئىسپاتلانغان
تۆۋەندىكى 4 خىل قىلمىش ئەيدىز كىسىلى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆمىرىنى ئەڭ كۆپ بولغان 15يىل قىسقارتالايدۇ
بىرىنچى، دورىغا بولغان بىقىنىشچانلىقى ناچار بولۇش

بەزىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلارنى يېيشنى ئۇنتۇپ قىلىش ئادەتتىكى ئىش. لېكىن دائىم چالا ئىچىش، كېچىكىپ ئىچىش باشقا بىر ئىش بولۇپ، دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كېسەللىكنىڭ پۈتكۈل جەريانىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
گەرچە بۈگۈنكى كۈندە ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ ئاددىي، يەنى دورا مىقدارى تېخىمۇ ئاز، ئەكس تەسىرى تېخىمۇ يېنىك، دورا بېرىش لايىھەسى تېخىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بىر قىسىم بىمارلار ۋىرۇسنى پۈتۈنلەي تىزگىنلەشكە ئېھتىياجلىق سەۋىيەنى ساقلاپ قالالمايدۇ
داۋاملىق تەكشۈرگىلى بولىدىغان ۋىروس مىقدارى سەۋىيىسى تۈپەيلىدىن، بىمارلارنىڭ دورىغا بولغان چىدامچانلىقىنىڭ بارغانسېرى ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلار ۋىروسقا قارشى داۋالاشنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. ئەڭ ناچار نەتىجە شۇكى، ئىشلىتىشكە بولىدىغان دورىنىڭ يوق بوپ قىلىشى
يەنى 2015-يىلى، ۋىرۇسنى تىزگىنلەشنىڭ بىر ئادەمنىڭ كۆزلىمە ئۆمرىگە كۆرسىتىدىغان تەتقىق قىلىنغان، تەتقىقاتتا مۇنداق يەكۈن چىقارغان:35 ياشلىق بىر ئەر ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئۇسۇلىنى قوبۇل قىلغاندا، تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ۋىرۇس مىقدارى سەۋىيەسىگە يېتەلمەيدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئۆمرى 10 يىل قىسرايدىكەن
ئىككىنچىدىن،زەھەرلىك چىكىملىك چېكىش
زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن، بەدىنىدىكى ۋىرۇسنى تىزگىنلىيەلەيدىغان كىشىلەرمۇ شۇنداق بولىدۇ
ۋانكۇۋېردىكى بىر تەتقىقاتتا 20 ياشتىن يۇقىرى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان 2637 نەپەر زەھەر چەككۈچىنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى تەكشۈرۈلگەن بولۇپ، يەتتە يىل ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەن 200 نەپەر قاتناشقۇچىنىڭ ۋاقتى ۋە ئۆلۈش سەۋەبى يخاتىرلەنگەن. دورا ئىچىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 19 %نى ئىگىلەيدۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئالاقىدار يۇقۇملىنىش ئومۇمىي ساننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، گەرچە زەھەرنى زىيادە كۆپ چېكىش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 19 %نى ئىگىلىسىمۇ، لېكىن ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئالاقىدار يۇقۇملىنىش كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، داۋالاش ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، ھەممىسى 11 يىل ئەتراپىدىكى ئۆمرىنىڭ ئازىيىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئۈچىنچىدىن، تاماكا چىكىش
مۇستەقىل ئامىل بولۇش سۈپىتى بىلەن، تاماكا چېكىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى ۋە ئۆلۈشىگە ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھەرقانداق كېسەللىكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. كىشىنى تېخىمۇ مەيۈسلەندۈرىدىغىنى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تاماكا چېكىش ئېھتىماللىقى تېخى يۇقۇملانمىغانلارنىڭكىدىن ئىككى ھەسسە يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئومۇمىي جەھەتتىن 10 يىلدىن 15 يىلغىچە بۇرۇن تاماكا چېكىشكە مۇناسىۋەتلىك كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى 
كوپېنھاگېن داشۆسى دوختۇرخانىسىنىڭ 2013 - يىلىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن:تاماكا چېكىش يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى 12 يىل قىسقارتىدۇ، جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەتىرى بىر ھەسسە ئاشىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلى  بىلەن ئۆلۈش خەتىرى بىر ھەسسە ئاشىدۇ، ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش خەتىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە  %1400ئاشىدۇ
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار تاماكا تاشلاپ ئۈچ يىلدىن كېيىن يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى  %65، بىر يىلدىن كېيىن ئۆپكە راكى خەۋپىنى  %50تۆۋەنلىتىدۇ
تۆتىنچىدىن، ئەيدىزنى داۋالاش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۈش
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشنى كەينىگە سۆرەش ۋە ئۆزىنى قاچۇرۇش بىمار ئۆز مەئيلىگە قويۇۋېتىشكە بولمايدىغان ئىككى خىل قىلمىش، بولۇپمۇ داۋالاشقا چېتىلغاندا. داۋالاشنى باشلاش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلسە، ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى خورىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بەدەننى نەچچە يىل ساقلانغىلى بولىدىغان ياللۇغقا دۇچار قىلىدۇ، بۇ قېرىشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ بالدۇر تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
 تەتقىقاتچىلار مۇنداق يەكۈن چىقارغان:داۋالاشنى كېچىكتۈرۈپ تاكى س د 4 سانى 350 دىن تۆۋەن بولغان كىشىلەرنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى 350دىن يۇقىرى بولغان كىشىلەرگە قارىغاندا قىسقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن،س د 4 ساننىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتىينەزەر، دىياگنوز قويۇلغان چاغدىلا داۋالاش باشلانسا، نورمال كۆزلىمە ئۆمۈرنىڭ ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ۋە مۇناسىۋەتسىز كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى  %53تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【麦盖提县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有