当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

身上出现这种症状,你可能感染艾滋病بەدىنىڭىزدىكى بۇ ئالامەتلەر ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇشى مۇمكىن

发布日期:2024-01-05 点击:
قىزىش، بەدەن ئاغرىش، گال ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ پەقەت «زۇكام»نىڭ كېسەللىك ئالامىتى بولۇپلا قالماستىن،شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالامەتلىرى
بىرىنچىدىن، بەدىنىدە قىزىل ئەسۋە كۆرۈلۈش
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ بەدىنىدە، مەسىلەن، بويۇن، بىلەك، پۇتىدا ھەمىشە سۇس قىزىل رەڭلىك ئەسۋە بولىدۇ، بۇ ئادەتتىكى قىزىل چېكىت بولۇپ، قىزىل رەڭلىك بۆرتۈپ چىققان ھۈررەك ئەمەس. بۇ قىزىل ئەسۋە ئادەتتە ئاز دېگەندە بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ، ئاغرىمايدۇ
ئىككىنچىدىن، گال قاتتىق ئاغرىش
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تەسىرگە ئۇچرىسا، ئاسانلا ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش يۈز بېرىپ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، گال ياللۇغلىنىپ ئىششىپ ئاغرىش، يۇتۇش قىيىنلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
بىراق، نۇرغۇن باشقا ۋىرۇسلار بىلەن يۇقۇملىنىشمۇ گال ئىششىپ ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئەگەر ئۆزىڭىزنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولدۇم دەپ گۇمان قىلسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ
ئۈچىنچىدىن، ھارغىنلىق ھىس قىلىش، پۈتۈن بەدىنى ئاغرىش
ئەيدىز بىر خىل ۋىرۇس، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر ھەپتە ئىچىدە، بىمارنىڭ بەدىنى ئادەتتىن تاشقىرى چارچايدۇ، پۈتۈن بەدىنى سىرقىراپ ئاغرىيدۇ، ھەر بىر بوغۇم ئاغرىيدۇ
تۆتىنچىدىن، بويۇن، قولتۇق، دوۋساق قىسمى ئىشىشىپ قىلىش
ئادەم بەدىنى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قالىدۇ. ئەيدىز كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان لىمفا تۈگۈنى ئىششىش، لىمفا تۈگۈنى دىئامېتىرى ئادەتتە 1 سانتىمېتىردىن 1.5 سانتىمېتىرغىچە بولىدۇ، باسسا قاتتىق، روشەن ئاغرىق سېزىمى يوق
بەشىنچىدىن، ئىزچىل قىززىش
ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكام كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىشقا ئوخشىمايدىغىنى، ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىش ئادەتتە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىدۇ، بەزىلىرىنىڭ ھەتتا بىر ئىككى ئايغا سوزۇلىدۇ. بەزىلىرىدە يەنە نەپەس تېزلىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ
ئۇزۇن ۋاقىت قىزىش بەدەنگە زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، چوقۇم تېزدىن دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش كېرەك
ئالتىنچىدىن، سەۋەبى ئىنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئىغىرلىقى چۈشۈپ كىتىش 
بەزى ئەيدىز بىمارلىرى كېسەل بولۇپ ئۈچ ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىقى %20 كە يېقىن تۆۋەنلەيدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، داۋالانمىغان ئەيدىز كېسىلى بەدەندىكى مۇسكۇل ۋە ياغنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئىشتىھانى تۇتۇپ، بەدەننىڭ ئوزۇقلۇق ماددىلارنى سۈمۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئورۇقلىۋالدىم ياخشى ئىش دەپ ئويلىماڭ. بۇ بەلكىم بەدىنىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋال سىزگە مەلۇم قىلغىنى
يەتتىنچىىدىن، ئاشقازىنى بىئارام بولۇش
ئاشقازان - ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ كېسەللىك ئالامىتى − ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىپىك كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاشقازان - ئۈچەي يولى بىئارام بولۇش پەقەت ئاشقازان كېسىلىگىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى بار دەپ قارىسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ
ئاشقازان - ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئۈچ چوڭ كېسەللىك ئالامىتى − ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش، كۆڭلى ئېلىشىش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى تىپىك كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا ئاشقازان - ئۈچەي يولى بىئارام بولۇش پەقەت ئاشقازان كېسىلىگىلا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئەگەر سىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى بار، ئەڭ ياخشىسى دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىڭ
يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، ئۆزىڭىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يۇقىرىقى گۇمانلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسىلا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىپ، ھەرگىز كېسەلنى يوشۇرۇپ داۋالىنىشتىن باش تارتىدىغان ئىشنى قىلماڭ

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【墨玉县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有