当前位置:首页 > 各地疾控 > 和田市红丝带 > 艾滋病

【双语】健康科普 | 关于艾滋病这些你要知道这些……  ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش | ئەيدىز توغرىسىدا بۇلارنى سىز بىلىشىڭىز كېرەك

发布日期:2025-10-03 点击:

 
健康科普 | 关于艾滋病这些你要知道

你是否听说过被“艾滋针”扎伤、蚊子叮咬或共用餐具会感染艾滋病的传言?这些传言实际上并无科学依据。

艾滋病,又称获得性免疫缺陷综合征(AIDS),是由人类免疫缺陷病毒,也就是我们常说的HIV病毒感染引起的一种传染病,主要经由性行为、血液接触或母婴接触传播。人体在感染病毒2到10年甚至更久以后,免疫系统受到毁灭性破坏时,才会发展成艾滋病。艾滋病的传播途径一直是公众关注的焦点,但许多关于艾滋病的传播误区却让人谈“艾”色变。

我们一起揭开这些误区的真相,打破不必要的恐慌。科学防艾,不再恐艾。

ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش | ئەيدىز توغرىسىدا بۇلارنى سىز بىلىشىڭىز كېرەك

ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش | ئەيدىز توغرىسىدا بۇلارنى سىز بىلىشىڭىز كېرەك
سىز «ئەيدىز يىڭنىسى» تەرىپىدىن يارىلانغان، پاشا چېقىۋالغان ياكى ئورتاق قاچا-قۇچىلارنى ئىشلەتسە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ دېگەن سۆز-چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ باققانمۇ؟ بۇ سۆز - چۆچەكلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىلمىي ئاساسى يوق .
ئەيدىز كېسىلى، يەنە ئېرىشىش خارەكتىرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىروسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ ئىنسانلار ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى يەنى بىز دائىم دەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ، ئاساسلىقى جىنسىي ھەرىكەت، قان ئۇچرىشىش ياكى ئانىدىن بوۋاقلارقاتارلىق تارقىلىدۇ. ئادەم بەدىنى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئىككى يىلدىن ئون يىلغىچە ھەتتا ئۇنىڭدىن ئۇزاققىچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ۋەيران قىلىش خاراكتېرلىك بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئىزچىل جامائەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتا بولۇپ كەلدى، ئەمما ئەيدىز كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن خاتا قاراشلار كىشىلەرگە خاتا چۇشەنچە ئىلىپ كەلدى
بىز بىرلىكتە بۇ خاتا قاراشلارنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئېچىپ، زۆرۈر بولمىغان ۋەھىمىنى بۇزۇپ تاشلايلى. ئىلىم-پەن بىلىملىرى ئارقىلىق  ئەيدىزدىن مۇداپىئە كۆرۈپ، ئەيدىزگە بولغان قورقۇنۇچنى تۇگۇتەيلى
 
ئورتاق بەھرىمان بولىدىغان ۋېلسىپىت ئورۇندۇققا يوشۇرۇنغان « ئەيدىز يىڭنىسى » نىڭ يارىسى يۇقۇملىنامدۇ ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەن سۇيۇقلۇقى مۇھىتىدىن ئايرىلىپ قالسا ئۇنىڭ ھايات قېلىش ۋە سېزىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. شۇڭا يىڭنە بېشىغا ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى چاپلىشىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ۋىرۇس مىقدارى ئاز بولغاچقا، تاشقى مۇھىتتا ئاشكارىلىنىپ قالغان بولغاچقا، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى يوق دېيەرلىك.
 
ئەمدىلا ئەيدىز بىمارىنى چاققان پاشا كىلىپ يەنە باشقا ئادەمنى چاقسا يۇقۇپ قالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
بىر تەرەپتىن پاشا سۈمۈرگەن قان مىقدارى ناھايىتى ئاز ، يەنە بىر تەرەپتىن پاشا سۈمۈرگەن قاننى قۇسۇپ چىقارمايدۇ . تەتقىقات ئارقىلىق مۆلچەرلىنىشىچە، بىر ساغلام ئادەمنى پاشا قايتا-قايتا بىرە ئون مىڭ قىتىم چىشلىۋالغاندىن كېيىن، ئاندىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
 
ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كولاسىنى خاتا ئىچىپ سالسا يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش يوللىرى ئاساسلىقى جىنسىي يۇقۇش، قان ئارقىلىق يۇقۇش ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئەيدىز ۋىرۇسى كولادا بولغاندا، زۆرۈر بولغان بەدەن سۇيۇقلۇقى مۇھىتى ۋە مۇۋاپىق ياشاش شارائىتى بولمىغانلىق تۈپەيلىدىن ۋىرۇس تېز سۈرئەتتە ھاياتلىقىنى يوقىتىدۇ
 
يولدىشى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئايالى يەنە ساغلام بوۋاق تۇغالامدۇ؟
بولىدۇ
ئەيدىز يۇقۇملۇق كېسەل ، ئىرسىيەت كېسىلى ئەمەس . ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلار ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئارقىلىق ساغلام بوۋاققا ئىگە بولىدۇ
 
ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە سۇ ئۈزسە، سودا سارايلانىڭ ئاممىۋى تەرەت ئەسۋابى بىلەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ شۆلگەي، تەر، كۆز يېشىدىكى مىقدارى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، تارقىلىش شارائىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەرلىك ئەمەس، شۇڭا ئەيدىز تەرەت قاچىسى، تېلېفون، ماشىنىسى، مېھمانساراي بۇيۇملىرى، مېھمانخانا قاچىلىرى، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى ياكى مۇنچىخانا قاتارلىق ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ئارقىلىق تارقىمايدۇ.
 
ئەگەر ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلىرى ماڭا چۈشكۈرسە ئۇنىڭ شۆلگىيى مېنىڭ ئاغزىمغا پۈركۈپ كەتسە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى كۆپۈك ئارقىلىق تارقالمايدۇ، ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى سىزگە قاراپ چۈشكۈرگەن تەقدىردىمۇ، بۇنداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمايدۇ.
 
ناۋادا ئەيدىز ئادەم بىلەن خەتەرلىك قىلمىش يۇز بەرسە بولسا پەقەت ئولتۇرۇپ يۇقۇشنى ساقلاش كىرەكمۇ؟
ھاجىتى يوق
ئەيدىز كېسىلى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش ئەيدىز يۇقمىغان ياكى يۇقۇملانغۇچى ياكى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر بىلەن ئاسان ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالىدىغان قىلمىشلارغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، 72 سائەت ئىچىدە ئالاھىدە ۋىرۇسقا قارشى دورا ئىچىپ، ئەيدىز يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدىغان چارىلەرنى كۆرسىتىدۇ.
 
ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن چىش پاستىسىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ
ئەيدىز بىمارلىرى بىلەن چىش پاستىسىنى ئورتاق ئىشلەتكەندە ئەيدىزدىن يۇقۇملانمايدۇ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئىنسانلارنىڭ قېنى، ئۇرۇق سۇيۇقلۇقى، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان ماددىلار ۋە سۈت تەركىبىدە مەۋجۇت بولۇپ، چىش پاستىسى ئەيدىزنىڭ ھايات قېلىشى ۋە تارقىلىشىنى قوللاشقا يېتەرلىك بولمايدۇ.
 
 

 

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【梦想健康】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有
222